ئاندىن

ئالماش ①شەرت-بېقىندى جۈملىلەردە باغلىغۇچىلىق ۋەزىپىسىدە كېلىپ، شۇ چاغدا، شۇ ۋاقىتتىلا دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ: ئەگەر ئۇ، شۇ چېكىنگىنىچە كوزۇپقا بېرىپ تاقالسا، ئاندىن مەن ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇۋېلىپ كوزۇپنىڭ يان ياغىچىغا كېلىشتۈرۈپ ئۈستۈرۈشنى ئويلىغانىدىم. ②ئۇنىڭدىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىن كېيىن؛ ئۇلاپلا: ئاۋۋال ئىشلە، ئاندىن ئوينا (ماقال). ③ئۇندىن، ئۇندىنمۇ، ئۇنىڭدىن، ئۇنىڭدىنمۇ: ئەل ئامان، دەردىڭ يامان، كۆيدۈرۈشۈڭ ئاندىن يامان.

ئانداق-مۇنداق

①ھەر خىل، ھەر قىسما، ئانداق ۋە مۇنداق: تۇرمۇشتا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئانداق-مۇنداق گەپلەر، ئىشلار ئۆتۈلۈپ تۇرىدۇ. ②ئاددىي، ئادەتتىكى:-خېۋىرجان ئانداق-مۇنداق ئادەمنىڭ ئوغلى ئەمەس، گەپ-سۆز، مۇئامىلىدە دىققەت قىل، -دېدى ئۇ ئىلھامغا ھومىيىپ.

ئاندا-ساندا

رەۋىش ①بەزى-بەزىدە، بىرە-بىرە، گاھ-گاھ: شەھەر سېپىلىنىڭ تۆت دەرۋازىسى ئۈستىدىكى قاراۋۇل پوتەيلىرىگە كىرىۋالغان دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئاندا-ساندا ئوق چىقىرىپ قوياتتى. ②ئۇ يەر، بۇ يەردە، ئۇندا-مۇندا: ئۇنىڭ چېكى چاچلىرىغا ئاندا-ساندا ئاق سانجىلغان، كۆزلىرىنىڭ جىيەكلىرىگە ئىنچىكە سىزىقلار تارتىلغانىدى.

ئاندا

رەۋىش ①ئۇ يەردە، بۇ يەردە، شۇ يەردە: خانىمانىم ئاندا قالدى، گۈل چېھرىم بەندە بولدى، قاراقچىلار قولىدا قالدى، كىشى ئۆز يارىغا ئوخشارمۇ. ②ئۇ يەرگە، بۇ يەرگە، شۇ يەرگە: يۈرۈڭ ئاندا بارايلى، دەريا بويى بويلايلى. بېلىقلارغا ئەرز ئېيتىپ، بىز خۇداغا يىغلايلى.