ئامما

ئىسىم [ئەرەبچە] ①بىرەر ئىجتىمائىي گۇرۇھنىڭ زور كۆپچىلىكى؛ ئومۇم، كۆپچىلىك، خەلق: دېھقانلار ئاممىسى. ئىشچىلار ئاممىسى. زىيالىيلار ئاممىسى. *ئامما ھەقىقىي قەھرىمان. ②كومپارتىيىگە، ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان ياكى رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتىمىگەن كىشىلەر: يۇقىرىغا ئىككى ۋەكىل سايلاپ بەردۇق، بىرى پارتىيە ئەزالىرىدىن، بىرى ئاممىدىن بولدى.

ئامراق

سۈپەت ①مېھىر-مۇھەببىتى بار، مېھىردىن كېچەلمەيدىغان، مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان، ئىشتىياق باغلىغان، ياخشى كۆرگەن، يېقىن، ئېجىل: مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامراق (ماقال). ②ھەۋەس قىلغان، قىزىقىدىغان؛ خۇشتار: ياشلار ئويۇنغا ئامراق، قېرىلار ئۇيقۇغا ئامراق (ماقال).