ئامبۇلاتورىيە

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە>] <تېبابەت> قاتناپ داۋالىنىدىغان ياكى ئۆيدە يېتىپ داۋالىنىدىغان بىمارلارنى مېدىتسىنا ياردىمى بىلەن داۋالايدىغان شىپاخانا: شەھەر ئامبۇلاتۇرىيىسى. زاۋۇت ئامبۇلاتورىيىسى. ئامبۇلاتۇرىيە ۋراچى.

ئامباللىق

①سۈپەت. ئامبالغا خاس، ئامبالغا تەئەللۇق بولغان: ئۇ ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئامباللىق تامغىسىنى تاشلاپ، ئۆزىگە گىرىم قىلىپ، مەركەزگە قېچىپ كېلىۋالغانىدى. ②ئىسىم. ئامبالغا خاس، مىجەز ئامباللارغا خاس ئىش، ھەرىكەت؛ ھۆكۈمرانلىق: ئۇ ئېرىنىڭ قىلغىنىنى ئاز دەپ ھە دېگەندە ئامباللىق قىلغىلى تۇردى.

ئامبال

ئىسىم. تارىخى سۆز. ①چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇللاردا تۇرغۇزغان ئىش بېجىرگۈچى ۋەزىرلىرى. ②ناھىيىنىڭ باشلىقى، ھاكىم: ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئامباللارغا ئوخشاش كەينىگە مۇھاپىزەتچى سېلىپ ھەشەم كۆرسىتىپ يۈرمەيتتى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئەمەلدار، مەنسەپدار: ئامبالنىڭ ئېتىنى سۇغار، پۇلىنى ئال (ماقال).

ئامبارلاشتۇرماق

پېئىل. ئامبارغا سېلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئامبارغا ئەكىرىپ، تۈرلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرماق، قاچىلىماق: ئۇلار سېخ-سېخلارغا خام ماتېرىيال توشۇۋاتاتتى ياكى يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئامبارلاشتۇرماقتا ئىدى.