ئامانەت

سۈپەت [ئەرەبچە] ساقلاپ بېرىش، ۋاقتىنچە پايدىلىنىش ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان ياكى بىرەر كىشىگە ئەۋەتىپ بېرىش ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان: ئامانەت خەت. ئامانەت پۇل. // ئامانەتنى تۇتماڭ، يوقالسا تۆلەرسىز، تام تۈۋىدە ئولتۇرماڭ، يىقىلسا ئۆلەرسىز (ماقال).

ئامان

سۈپەت [ئەرەبچە] ①ساق-سالامەت، خېيىم-خەتەرسىز: باش ئامان بولسا، دوپپا تېپىلار (ماقال). *ئەل ئامان-شەھىرىڭ ئامان (ماقال). ②تىنچ، ئاسايىشلىق، غەم-ئەندىشسىز: ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس (ماقال). ③ئەرلەر ئىسمى.