پېئىل ①بىرى-بىرىنىڭ ئورنىنى ئالماق، ئىگىلىمەك؛ يېڭىلانماق: ۋەھالەنكى، بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە ھايات داۋام قىلماقتا، ھەۋەس قاينىماقتا، ئەۋلاد ئەۋلاد بىلەن ئالماشماقتا. ②كىرىشىپ قالماق، يۆگىشىپ قالماق: ئەركىننىڭ ئۈچىيى ئالمىشىپ قېلىپ، ئوپېراتسىيە قىلىندى. ③بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا يۆتكەلمەك: ئۇ خىزمەت شارائىتى ياخشى ئورۇنغا ئالماشتى.