ئالىتوپىلاڭ

ئىسىم [ئالا+توپىلاڭ] قالايمىقانچىلىق، غەلۋە غوۋغا، تىنچسىز ھەرىكەت ۋە ھالەت: ئالىتوپىلاڭ كۆتۈرمەك. *ئۇلار يەۋاتقان ئاشلىرىنى چالا تاشلىشىپ، ئالىتوپىلاڭ بولۇپ تالاغا يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىشتى.

ئالىتاغىل

سۈپەت [ئالا+تاغىل] ①ئاق داغلىرى بولغان، ھەر خىل رەڭ ئالغان: ئالىتاغىل تورپاق. ئالاتاغىل ئايغىر. ②بىر خىل بولمىغان تەرتىپسىز، قالايمىقان؛ ئېگىز-پەس، يۇقىرى-تۆۋەن: ئالىتاغىل ئاۋاز. //ئالىتاغىل توۋلىماق.

ئالىبۆرەك

سۈپەت [ئالا+بۆرەك] ①تولۇق بىر خىل رەڭگە كىرمىگەن، ئالا-بۇلا: پەمىدۇر توق قىزارمىدى، ئەمدى ئالىبۆرەك بولدى. ②تولمىغان، يېتىشىپ بولمىغان: بۈگۈن سويغان قوي ئالىبۆرەك چىقتى.