ئالمىماق

پېئىل ①يىپ ئۇچلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تاڭماق، چاتماق: يىپنى ئالماپ چىگمەك. ②بىر نەرسىنى ئىككىنچى نەرسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئورۇنلاشتۇرماق: پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرماق. شاخنى ئالماپ قويماق. ئارغامچىنى ئالماپ قويماق.

ئالمىلىق

1. سۈپەت. ئالما دەرىخى بار، ئالما دەرىخى ئۆستۈرۈلگەن: ئالمىلىق باغلىغۇچى ②ئىسىم. ئالما دەرىخى ئۆستۈرۈلگەن يەر، مەيدان، باغ: بۇ ئالمىلىق قۇرتقا قارشى جىددىي جەڭ مەيدانىغا ئايلانغانىدى.

2. پېئىل ③يىپ ئۇچلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تاڭماق، چاتماق: يىپنى ئالماپ چىگمەك. ④بىر نەرسىنى ئىككىنچى نەرسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئورۇنلاشتۇرماق: پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرماق. شاخنى ئالماپ قويماق. ئارغامچىنى ئالماپ قويماق.

ئالمان

سۈپەت ①ئېلىشتا ئىتتىك، تېز، چاققان؛ تېز ئالىدىغان: ئالغۇچە ئالمان، بەرگۈچە بەزگەك (ماقال). ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئوۋدا سالغاننى ئالىدىغان؛ ئالغۇر: ئالمان قۇش. *بۇ قارچىغا ناھايىتى ئالمان چىقتى.

ئالماق

پېئىل. ①نەرسىنى ئوچۇملاپ، سىقىملاپ ياكى بىرەر ئەسۋاب بىلەن تۇتۇپ قولغا كىرگۈزمەك: چېلەكتىن سۇ ئالماق. يانچۇقتىن پۇل ئالماق. ئەكبەر تېلېفوننى قولىغا ئالدى. ②قوبۇل قىلماق: ئوقۇغۇچى ئالماق. ئىشقا ئالماق. ياتاققا ئالماق. -دوختۇرلار مېنى ياتاققا ئالمىدى، -دېدى ئانا ئېڭرىغان ئاۋاز بىلەن… ③بوشاتماق، بىكار قىلماق، چۈشۈرمەك: ۋەزىپىدىن ئالماق. ④قىرقىماق، كەسمەك، سۇغۇرۇپ چىقارماق: چاچ ئالماق. تىرناق ئالماق. ساقال ئالماق. ⑤قولغا كىرگۈزمەك، ئىگە بولماق، قازانماق، ھاسىل قىلماق، ئېرىشمەك: دارامەت ئالماق، خامان ئالماق. ھوسۇل ئالماق. پايدا ئالماق. ئولجا ئالماق. بەھرى ئالماق. نەپ ئالماق. ساۋاق ئالماق. ئىلھام ئالماق. ⑥يېمەك، ئىچمەك، ئىستېمال قىلماق: بىر كۈنلۈك ھەمراھقا قىرىق كۈن سالام، دەپتىكەن، ھەرقايسىلىرىدىن ئارتۇق ئەمەس، قېنى ئالسىلا! ⑦مەلۇم رەڭ، ھالەتنى ئۆزىگە سىڭدۈرمەك؛ پەيدا قىلماق: رەڭ ئالماق. تۈس ئالماق. خاراكتېر ئالماق. كۆزىگە ياش ئالماق....

داۋامىنى ئوقۇڭ!