ئالقىش

ئىسىم ①رەھمەت سۆزى، رەھمەت تۇيغۇسى، قوللاش، ھېمايە قىلىش: ئالقىشقا ئېرىشمەك. ②ئالقىشلاپ چېلىنغان چاۋاك: دۆلەتباي سۆزىنى تۈگەتكەندە، زال ئىچىنى قىزغىن ئالقىش سادالىرى لەرزىگە كەلتۈرۈۋەتكەنىدى.

ئالغۇر

سۈپەت ①ئوۋنى ياخشى ئالىدىغان: ئالغۇر بۈركۈت. ②ھەققىنى كەتكۈزمەيدىغان؛ ھەر باب بىلەن ئالىدىغان: ئۇ ناھايىتى ئالغۇر ئادەم بولغاچقا ئاللىقاچان ئۆلگەن پۇللارنىمۇ تىرىلدۈرۈپ ئالالىدى.

ئالغا

①رەۋىش. ئالدىغا، ئالدى تەرەپكە: ئالغا ماڭماق. ئالغا ئىلگىرىلىمەك. ئالغا چامدىماق. ②ئىملىق سۆز. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئالغا قاراپ سىلجىشقا، ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا چاقىرىش، ئۈندەش: ئۇلۇغ غەلىبىلەر ئۈچۈن ئالغا!

ئالدېگىد

ئىسىم [رۇسچە] ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بىر تۈرى. كاربونىل بىلەن بىردانە ئالكىل، بىردانە ھىدروگېن ئاتومىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئاساسلىقلىرىدىن فورمالدېگىد، ئاتسېتالدېگىد قاتارلىقلار بار.