سۈپەت ①ئالدى تەرەپتىكى، ئالدى تەرەپكە جايلاشقان: ئالدىنقى پوست. ئالدىنقى رەت. ②ئىلگىرى، بۇرۇن ئۆتكەن؛ ئاۋۋالقى، بۇرۇنقى: ئالدىنقى ئىنقىلابچىلارنىڭ ئىشىزلىرى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، بىرىنچى: ئالدىنقى شەرت. تۇرسۇنجان ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تۈرى بويىچە ئالدىنقىسى بولۇپ بىرىنچىلىكنى ئالدى.