ئالدىراش

①رەۋىش. جىددىي ھالدا، بىردەم تۇرماستىن، توختىماي: ئالدىراش ئىشلىمەك. ②سۈپەت. مۇھىم، ۋاقتى قىسقا، تېزلىكنى تەلەپ قىلىدىغان: يېزىنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋە جىددىي پەيتى-ئورما باشلاندى.

ئالدىراپ-تېنەپ

①ھەم ئالدىراپ ھەم تېنەپ؛ ئۆزىنى توختىتىۋالالماي، تولۇق تەييارلىقسىز: ئۇ بوينىنى ئالدىراپ-تېنەپ جۇۋىسىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ پرىكازچىكقا پۇل ئۇزاتتى، سودا پۈتتى. ②ئويلانماي، پىكىر يۈرگۈزمەي: بەزى يازغۇچىلار ئالدىراپ-تېنەپ يېزىلغان ئەسەرلىرى بىلەن تەھرىرلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ.

ئالدىدا

تىركەلمە سۆز ①ھۇزۇرىدا، قېشىدا: ئىشنى ياخشى قىلساق، ئامما ئالدىدا يۈزىمىز يورۇق بولىدۇ. ②بۇرۇن، ئىلگىرى، پەيتىدە: زەيتۇنەم باشلىغان ئاتلىق دۈي جىددىي ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، تېببىي ياردەم سومكىسىنى بوينىغا ئېسىپ، ئالدىراپ قادىر يېتىپ كەلدى. ③نىسبەتەن، قارىغاندا: دەرس قانچە قىيىن بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئالدىدا ھېچ نەرسە بىلىنمىدى.