ئالتۇنشاخ

ئىسىم [ئالتۇن+شاخ] <بوتانىكا> مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى سېرىق رەڭدە بولۇپ، كۈزدە ئېچىلىدۇ. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. پۈتۈن تېنىدىن سېرىق رەڭ بوياق ئايرىشقا ۋە دورا ياساشقا بولىدۇ. دورىسىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى چۈچۈمەل بولۇپ، ئىسسىقلىق، زەھەر ۋە ئىششىق قايتۇرىدۇ. گال ئاغرىقى، زۇكامدىن قىزىش ۋە يارا-جاراھەت قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ئالاھىدە

سۈپەت [ئەرەبچە] ①باشقىلاردىن پەرقلىق، ئايرىم: ئالاھىدە تاۋارلار. -بۇ ئاتلار ئالاھىدە بېقىلىدىغان ئاتلار بولۇپ، خالىغان جايدا ئوتلىشى شەرت ئىدى. ②ئۆزىگە خاس، مەخسۇس: ژۇرنالنىڭ ئالاھىدە سانى. -ئۇكام غالىبجان، مەن سىزنى ئالاھىدە يوقلاپ كەلدىم.