ئالتۇنگۈل

ئىسىم [ئالتۇن+گۈل] ①<بوتانىكا> ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇن ساپىقى بار، يوپۇرمىقى بەش بۇرجەك شەكلىدە بولىدۇ، ياز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، گۈلى چوڭ بولىدۇ، مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ، گۈلى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ②ئاياللارنىڭ ئىسمى.