ئالاھىدىلىك

ئىسىم. پەرقلىق خۇسۇسىيەت، بەلگىلىك ئارتۇقچىلىق، مەخسۇس ئايرىملىق: بىز ھەممە خىزمەتتە شىنجاڭنىڭ مىللىي رايونلۇق ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتمايدىغان بولساق، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىيەلمەيمىز.

ئالاھازەل

رەۋىش [ئەرەبچە] («ئالاھازەلقىياس» سۆزىنىڭ قىسقارغان شەكلى) تەخمىنەن، قىياس قىلىنىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە: ئارىدىن ئالاھازەل ئىككى ئاي ئۆتكەندە، سايلانغانلار رەسمىي ئېلان قىلىندى.

ئالاڭلىماق

پېئىل. ھەيران بولماق؛ ئاڭقىرالماي قالماق؛ ئالاقزادە بولماق: ئايروپىلان بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئۇچۈشقا باشلىغاندىن كېيىن، مەتتوختەم ئايروپىلاننىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرگە ئالاڭلاپ قاراشقا باشلىدى.