ئاكاتسىيە

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <بوتانىكا> پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان غوللۇق دەرەخ. شېخى تىكەنلىك، پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقلىق، گۈلى ئاق، پۇراقلىق، مېۋىسى ياپىلاق تاشما شەكىللىك بولىدۇ.

ئاكاتسىيىلىك

①ئىسىم. ئاكاتسىيە كۆپ ئۆسكەن، ئاكاتسىيە بىلەن قاپلانغان جاي: مەن تاپانچامنى تۇتقىنىمچە ئاكاتسىيىلىككە باردىم. ②سۈپەت. ئاكاتسىيە ئۆسكەن، ئاكاتسىيە بىلەن قاپلانغان: ئاكاتسىيىلىك يول.

ئاكا

ئىسىم ①چوڭ ئوغۇل (ئۇكىلىرىغا نىسبەتەن): ئاكاڭ كىمنى ئالسا، يەڭگەڭ شۇ (ماقال). ②ئۆزىدىن چوڭ ئەر كىشىگە مۇراجىئەتتە ياكى ئۇنىڭغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئىشلىتىلىدۇ: مۆمىن ئاكا كەچۈرمىشلىرىنى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى.