ئاقىرقەرھا

ئىسىم [پارسچە<ھىندىچە] <بوتانىكا> مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ئىنچىكە، گۈلى ئاق ياكى قىزىل بولىدۇ؛ قۇرۇتۇلغان گۈلىدىن قىلىنغان پاراشوك بىلەن پاشا، چىۋىن قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ.