ئاقماق

پېئىل ①پەس تەرەپكە قاراپ سۈرۈلمەك، ھەرىكەتلەنمەك، يۈرۈشمەك: سۇ جىلغىغا ئاقتى. ②توپلىشىپ بىرەر تەرەپكە قاراپ يۈرۈش قىلماق، ماڭماق: بۈگۈن ئادەتتە نامازغا بارمايدىغانلارمۇ جۈمە مەسچىتى تەرەپكە ئاقتى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئىناۋەتلىك دەپ قارالماق، ئۆتمەك، يۈرۈشمەك: ئۇنىڭ سۆزى ئامما ئىچىدە خېلى ئاقىدۇ. ④سىزماق، ئېرىپ كەتمەك: بىچارە دەرد ئېيتىدىغان بولسا يۈرەك-باغرى يېشى بىلەن قوشۇلۇپ ئېقىپ كېتىدۇ، زادى. . . ئۇھ !

ئاقما

①سۈپەت. ئاقىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە: ئاقما جىنس. ②ئىسىم. ئادەم ياكى ھايۋانلار تېنىدە يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا بولغاندا ھاسىل بولىدىغان تۇرۇبا، تۇرۇبىنىڭ ئېغىزى تېرە يۈزىدە بولىدۇ ياكى ئۇ باشقا ئىچكى ئەزالار بىلەن تۇتىشىدۇ، كېسەل ئوچىقى ئىچىدىكى ئاجرالمىلار ئەنە شۇ تۇرۇبىدىن ئېقىپ چىقىدۇ.

ئاقلىماق

1. پېئىل ①ھاك ۋە بورغا ئوخشاش ئاق تۈرگە كىرگۈزگۈچى نەرسىلەر بىلەن بويىماق، ئاقارتماق: ئۆي ئاقلىماق. ②دان، دەرەخ (ياغاچ)، كۆكتاتلارنىڭ پوستىنى، قوۋزىقىنى سويماق، ئايرىماق، شىلىپ ئالماق: قوناق ئاقلىماق. شال (گۈرۈچ) ئاقلىماق. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماق؛ ئۆزىنى ئاقلىماق.

2. ④ئۈمىد، بۇرچ، ۋەدىگە مۇناسىپ ئىش قىلماق، ئورۇنلىماق: ئۈمىدنى ئاقلىماق. ۋەدىنى ئاقلىماق. ⑤سىڭدۈرگەن ئەمگەك، بەرگەن تۇزنىڭ بەدىلىگە تۇشلۇق ئىش قىلماق: سەنمۇ تۇزۇمنى ئاقلاپ، ھالاللىق بىلەن ئىشلىدىڭ.

ئاقلىغۇچى

ئىسىم ①مەلۇم نەرسىنى ئاقلاش، ئاقارتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى: ئۆي ئاقلىغۇچى. شال ئاقلىغۇچى. ②<قانۇن> سوتتا بىر كىشى ياكى تەرەپنى ھىمايە قىلغۇچى، شۇلار ئۈچۈن سۆزلىگۈچى، ئادۋوكات.

ئاقلىغۇچ

ئىسىم ①يۇلغۇن ياكى باشقا ياغاچتىن ياسالغان قىسقۇچ، بۇ سايمان بورا توقۇش ئۈچۈن يېرىپ تەييارلىغان قومۇشنى سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ②قوناق ئاقلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچلۇق كىچىك ياغاچ.