ئاقساقاللىق

ئىسىم ①ئاقساقاللار قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت، باشلىقلىق: ئۇ باغدات سودىگەرلىرىنىڭ ئاقساقاللىقىغا، كېيىن رەئىسلىكىگە كۆتۈرۈلگەنىدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز گەپ-سۆزلەرگە ئارىلىشىۋېلىش، ھەممىلا گەپكە لوقما سېلىش قىلمىشى؛ ئاتىكارچىلىق: ھەي بەڭۋاش، ئاقساللىقىڭنى قارا، ساڭا ئۇنداق گەپنى سوراشنى كىم قويۇپتۇ.

ئاقساقال

[ئاق+ساقال] ①ئىسىم. ياشانغان، مويسىپىت مۆتىۋەر كىشى: بۇ تۇرغان ئاقساقال زاۋۇتىمىزنىڭ پېشقەدەم ئىشچىسى. ②ئىسىم. بىر ياكى بىرنەچچە مەھەللە، يېزاقىشلاققا باشلىق بولغان مەھەللىۋى ئەمەلدار: بۇ يەرگە يىغىلىشقان مەھەللىنىڭ ئاقساقاللىرى يېڭى دەرۋازىغا قاراپ، نودەرنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشتى. ③سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئاتىكارچى، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلىشىۋالىدىغان: بەك ئاقساقال بالىكەن بۇ، دادىسىدەك ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن گەپنى تارتىۋېلىپ تۇرغىنىنى قارا.