يىللىق

①سۈپەت. بىر يىلغا مۆلچەرلەنگەن؛ بىر يىل ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ياكى بولىدىغان ئەھۋاللارغا ئائىت، كۆرسىتىلگەن يىلغا، شۇ يىلدىكى ئەھۋال-ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك: ئۇ چاغدا بىزلەردىن يىللىق ئىمتىھان ئېلىنىۋاتاتتى. *يىللىق خۇلاسىدە ھەربىر كىشىنىڭ خىزمىتىنى باھالاشتا مۇشۇ خاتىرە ئاساس قىلىنىدۇ. ②سۈپەت. مىقدار ۋە ساننى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن كېلىپ «شۇنچە يىلغا مۆلچەرلەنگەن؛ شۇنچە يىل داۋام قىلىدىغان ياكى قىلغان؛ شۇنچە يىل بولغان» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: ئاخىرى مېنىڭ ئۈچ يىللىق ئوقۇش ۋاقتىم توشۇپ، خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم. *مەن دەسلەپكى 19 يىللىق ھاياتىمنى ئاشۇ يەردە ئۆتكۈزدۈم. *سىز بىلمەيسىز، قاسىم دېگەن بىزنىڭ يېزىمىزنىڭ ئون نەچچە يىللىق سۇ كادىرى. ③ئىسىم مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەن يىل چەكلىمىسى ئاساسىدا بۆلۈنگەن دەرىجە ئايرىمىسى: 92-يىللىق ئۇيغۇر تىلى سىنىپى. 3-يىللىق 2-سىنىپ. ④ئىسىم. يىل بويى سەرپ قىلغان مېھنىتى، ئەمگىكى...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

يىللىق پاراللاكس

<ئاسترونومىيە> تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچەشتە يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتىسىنىڭ رادىئۇسى ئاساسى سىزىق قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن چىققان پاراللاكس يىللىق پاراللاكس دەپ ئاتىلىدۇ.

يىللىق قوشۇمچە قىممەت نىسبىتى

<ئىقتىساد> بىر يىل ئىچىدە ئىشلەپچىقارغان قوشۇمچە قىممەتنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئالدىن چىقىم قىلىنغان ئۆزگىرىشچان كاپىتالنىڭ ئومۇمىي سوممىسىغا بولغان نىسبىتى.