يىلىكى توق

①تېمەن، ساغلام، كۈچ-قۇۋۋىتى بار: باينىڭ بالىسى ئەمەسمۇ؟ يىلىكى توق-دە.

②پۇل-مېلى، ئىقتىسادىي كۈچى بار، ئىقتىسادىي ئاساسى ئۇللۇق:-پۇلىمىزنى بەرگەن بولساڭلار،-دېدى بوۋاي كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ،-يىلىكىمىز توقراق بولار ئىدى.

يىلىكىدە سۇ ئىچمەك

①قاتتىق زەربە بەرمەك، ۋەيران قىلماق، ھالاك قىلماق: -تىلىۋالدىنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىمەن! -دېدى قۇبدۇن زەھەرخەندىلىك بىلەن، -مېنىڭدىن ئۆتۈپ كەتكىنىنى كۆرەي ئۇنىڭ…

②باشقىلارنىڭ كۈچىدىن نومۇسسىزلارچە پايدىلانماق، باشقىلارنىڭ پايدا-مەنپەئەتىنى پەسكەشلەرچە ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەتمەك: ئۇنداق خەقنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىدىغان پىخسىقتىن ئالمىغان پۇلنى كىمدىن ئالىمىز؟!

يىلىكىنى چاقماق

ۋەيران قىلماق، ئەبجىقىنى چىقارماق، ھالسىزلاندۇرۇپ كاردىن چىقارماق، كۈچ-قۇۋۋىتىدىن ئايرىماق: ئۆتكەن يىلقى تەبىئىي ئاپەت دېھقانچىلىققا زور زىيان كەلتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ يىلىكىنى چېقىۋەتتى.

يىلىكى ئۈزۈلمەك

ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىن ھالەتكە چۈشۈپ قالماق، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىنتايىن ناچارلاشماق، نامراتلاشماق: قېيىنئاتامنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىمىز، يەتتە، قىرىق نەزىرلىرىنى بېرىمىز دەپ، يىلىكىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى.