يىللىقچى

ئىسىم. ئۇزۇن مۇددەتلىك ياكى يىللىق توختام بويىچە باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغان كىشى، مەدىكار، خىزمەتكار: ئاسىم شەھەرشاھ ھاجىلارنىڭ ئۆيىدە ئۆكۈز قوشى تۇتۇپ، يىللىقچى بولۇپ ئىشلەپ يۈرگەندە، ئەكبەر شۇ باينىڭ قويچىسى ئىدى.

يىلنامە

ئىسىم. يىل تەرتىپى بويىچە يېزىلغان ۋەقە-ھادىسىلەر تارىخى؛ يىل تەرتىپى بويىچە يېزىلغان تارىخىي خاتىرىلەر: بۇ يەردە ئېرادىن مىڭ يىل ئىلگىرى، ئۇيغۇرلار يىلنامە ياراتقانىدى. ئۆزىنىڭ يېزىقى، ئېلىپبەسىنى، جىمى ئەل ئىچىگە تاراتقانىدى.

يىلنامىلىق

سۈپەت. يىلنامە قائىدىسى بويىچە يېزىلغان، يىلنامە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، يىلنامىگە ئوخشاش تەرتىپتە، يىل رېتى بويىچە يېزىلغان: بۇ ھەقتە كارل ماركس ئۆزىنىڭ «ھىندىستان تارىخىنىڭ يىلنامىلىق خاتىرىسى» دېگەن كىتابىدا تەپسىلى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

يىلىك

ئىسىم <ئاناتومىيە> سۆڭەك ئىچىدىكى كاۋاكچىلارغا تولۇپ تۇرغان يۇمشاق توقۇلما. قىزىل يىلىك ۋە سېرىق يىلىك دەپ بۆلۈنىدۇ. قىزىل يىلىك قان ئىشلەپچىقىرىش رولىغا ئىگە. بەزى جانلىقلارنىڭ يىلىكىنى ئىستېمال قىلغىلى ۋە ئۇنىڭدىن ماي ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.

يىلىك غىلىپى

ئىسىم <ئاناتومىيە> ئوقسىمان ئۆسۈك ياكى ئۇزۇن شاخسىمان ئۆسۈكنى ئوراپ تۇرىدىغان ماددا، ئۇنى نېرۋا يېلىمسىمان ماددا ھۈجەيرىلىرى ھاسىل قىلىدۇ. تەركىبى ئاقسىل ۋە مايلار بولۇپ، ئىزولياتسىيىلىك رولى بار. ئۇ نېرۋا ئىمپۇلسنىڭ تىزدىن ئۆتكۈزۈلۈشىگە پايدىلىق.