يىمىرمەك

①پېئىل خېمىر قاتارلىقلارنى ئەيلەپ پىشۇرماق، قول بىلەن مۇجۇپ ئەيلىمەك، پىشۇرماق: خېمىرنى يىمىرمەك. ②قاتتىق نەرسىلەرنى قول ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەسۋابلار بىلەن سىقىپ، مۇجۇپ ئېزىپ ئۇۋىماق، ئېزىلگەن، مۇجۇلغان، ئۇۋاق ھالەتكە كەلتۈرمەك: ئۇ دېڭىز ساھىلىدا ئولتۇرۇپ، بىر قولى بىلەن تاشنى يىمىرىپ ئۇۋاپ، يەنە بىر قولىنى قۇمغا پاتۇرۇپتۇ. ③قاش-كۆز، لەۋ قاتارلىق ئەزالارنى پۈرۈشتۈرمەك، پۈرمەك ياكى يېنىك تۈرمەك: -ھە، بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟-دەپتۇ شاھ قاشلىرىنى يىمىرىپ. *ئۇ قاپقارا، ئىنچىكە بۇرۇتىنى يىمىرىپ ئولتۇرۇپ، گەپ باشلىدى. *-ساڭا نېمىشقا تەڭ ئىدى، -دېدى مەشۇراخۇن كالپۇكىنى يىمىرىپ، -تۈگەپ كەتسە، تېپىپ بېرىدىغان ئادەم مەن ئەمەسمۇ؟ ④كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر گۇرۇھ، تەشكىلات، ھاكىمىيەتكە ئوخشاش جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىجتىمائىي كۈچنى ئاغدۇرماق، يوقاتماق، ياكى ئۇنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئەسلىدىكى كۈچ-قۇۋۋىتىدىن مەھرۇم قىلماق، ئاجىزلاشتۇرماق، غۇلاتماق، ۋەيران قىلماق: قەتئىي تەدبىر...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

يىمىرىلمەس

سۈپەت. ①يىمىرىلمەيدىغان، يىمىرىلىپ كەتمەيدىغان.

②مۇستەھكەم، مەزمۇت، ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق ئەھۋالدا بۇزۇلمايدىغان، ئېزىلمەيدىغان، يېڭىلمەيدىغان، ئاغدۇرۇلمايدىغان، غالىب: بۇنىڭدىن كېيىن بىز بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق ئارمىيىسىنى مەڭگۈ يىمىرىلمەس ئورۇنغا ئىگە قىلىشىمىز لازىم. *-بىز يىمىرىلمەس كۈچ بولۇپ ئۇيۇشتۇق،-دېدى ئەنۋەر جىددىي ھالدا.

يىمىرىلمەك

①«يىمىرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئۇ شاختىكى چېچەكلەرنى ئېلىپ بىر ئۇۋىلىغانىدى، ھېلىقى چېچەكلەر يىمىرىلىپ، كىچىككىنە بىر كاللەككە ئايلىنىپ قالدى. *ئەشرەپ بوۋاينىڭ كۆزلىرى پارقىراپ، قېلىن كالپۇكلىرى كۈلكىدىن يىمىرىلدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئاجىزلاشماق، ھالىدىن كەتمەك، ۋەيران بولماق، يوقالماق: تاملارمۇ خارابىدەك بولۇپ كەتكەن-سۇۋاقلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ، يىمىرىلىشكە باشلىغانىدى. *يىگىتنىڭ ئۆزىگە مىختەك قادالغان ئوتلۇق كۆزلىرى ئالدىدا، قىزنىڭ جاسارىتى يىمىرىلدى. *ئەختەملەرنىڭ تويى يېزىلار ئېغىر ئىقتىسادى يىمىرىلىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەنىدى. ③كۆچمە. بىرەر ئىجتىمائىي تۈزۈم، ھاكىمىيەت ياكى ھوقۇق تۇتۇۋاتقان گۇرۇھ، شەخسلەر ۋەيران بولماق، يوقالماق، ئاغدۇرۇلماق، ئەسلىدىكى ئىمتىيازدىن مەھرۇم بولماق: فېئوداللىق چوڭ ئائىلە تۈزۈمى مۇقەررەر يىمىرىلدى. *ئۇ «كۆرۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ يىمىرىلىدىغان كۈنۈڭلار ئەتىلا يېتىپ كېلىدۇ» دەپ ئويلىدى. ④يەرگە مەھكەم چاپلاشماق، يەرگە مەھكەم ئورۇنلاشماق (ئولتۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە): ئۇ ئەمدى يىمىرىلىپ ئولتۇرۇپ،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

يىمىرىلىش

①«يىمىرىلمەك» پېئىلىنىڭ يەنە بىر خىل ئىسىمدىشى.

②<گېئولوگىيە> ئۇزۇن مۇددەتلىك شامالنىڭ يالىشى، ئاپتاپتا قېلىش، ھۆل-يېغىنلارنىڭ نەمدەپ يالىشى، ئورگانىزملارنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىق تەسىرلەر نەتىجىسىدە، يەر پوستىنىڭ يۈزىدىكى ۋە يەر پوستىنى تەشكىل قىلغان ھەر خىل تاغ جىنسلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ ۋەيران بولۇشى ياكى ئۆزگىرىپ كېتىشى.

③<فىزىكا> بىر ئاتوم يادروسىنىڭ ماسسىلىرى ئوخشاشراق بولغان ئىككى يادروغا بۆلۈنۈش جەريانى.

④<فىزىكا> رادىئوئاكتىپ نۇكلىدلارنىڭ رادىئوئاكتىپ زەررىچىلەرنى رادىئاتسىيىلەپ چىقىرىش ئارقىلىق باشقا بىر خىل نۇكلىدقا ئۆزگىرىش جەريانى، تۇراقسىز ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن يېڭى زەررىچىلەرگە ئۆزگىرىش جەريانىمۇ يىمىرىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.

⑤<خىمىيە> كرستال ھىدراتلارنىڭ ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ۋە قۇرغاق ھاۋادا كرستال سۈيىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يوقىتىش ھادىسىسى.

يىمىرىلىش پوستى

<گېئولوگىيە> يەر پوستى ئۇل جىنسىنىڭ يىمىرىلگەن ئۈستى قەۋىتى. يەر پوستى ئۈستى قەۋىتىدىكى جىنسلار يىمىرىلىش تەسىرىدە بۇزۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىدا يۇمشاق دۆۋىلەنمىلەر شەكىللىنىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئاجىز يىمىرىلگەن زوننا، كۈچلۈك يىمىرىلگەن زوننا، قالدۇق قاتلام، قالدۇق توپا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يىمىرىلىش رولى

<گېئولوگىيە> يەر پوستىنىڭ سىرتقى قاتلىمىدىكى تاغ جىنسلىرىدا ئاتموسفېرا، سۇ ۋە جانلىقلار قاتارلىق تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەسىرى تۈپەيلىدىن يۈز بېرىدىغان بۇزۇلۇش رولى. ئۇ فىزىكىلىق يىمىرىلىش رولى ۋە خىمىيىلىك (خىمىيەلىك) يىمىرىلىش رولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يىمىرىلىش كونستانتى

<فىزىكا> تۇراقسىز ئاتوم يادرولىرىنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى يىمىرىلىش ئېھتىماللىقى. ئۇ رادىئوئاكتىپ (رادىيوئاكتىپ) ماددىلارنىڭ يىمىرىلىش تېزلىكىنىڭ ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ.

زاغرا نان

زاغرا نان

زاغرا نان – ناننىڭ بىر تۈرى بولۇپ، قوناق ئۇنىنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدۇ، قۇرۇق بولۇپ، ئۇزاق ساقلاشقا بولىدۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. قوناق ئۇنىغا تۇز قۇيۇپ، قىزىق سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر سوۋۇغاندا خېمىرتۇرۇچ، ئۇششاق توغرالغان كاۋا ئارىلاشتۇرۇپ، بىر سائەت قويۇپ بولدۇرۇلىدۇ. ئاندىن 140-200 سەر چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ ئاق ئۇندا قۇرغۇنلاپ، ئىككى سانتىمېتىر قېلىنلىقتا نان ياساپ، يۈزىگە پىچاق ياكى تۈكچە بىلەن چاپراس بەلگە ئۇرۇلىدۇ. 2. قىزىتىلغان تونۇرغا يېقىپ جۆۋەندە نانغا ئوخشاش قىلىپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ. بۇ ناننى قەشقەر ۋە خوتەننىڭ كۆپىنچە يەرلىرىدە سۇ ۋە تۇز بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىرنى بولدۇرمايمۇ ياقىدۇ. ئاساسلىق ماتېرىيالى: قوناق ئۇنى بەش كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، ئاق ئۇن 500 گرام، ئاش كاۋىسى بىر كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام. زاغرا...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

جالالىدىن بەھرام

جالالىدىن بەھرام

جالالىدىن بەھرام 1942-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھرىدە ھۆنەرۋەن (تىككۈچى) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۈنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان خەلق ناخشىچىسى ھەم رەسسام ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش-پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا، جالالىدىن بەھرام: «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن…» دەيدۇ. ئوقۇش ۋە خزمەت ھاياتى جالالىدىن بەھرام 1950-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «روشەن» باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1954-يىلدىن 1957-يىلغىچە ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. رەسىم كۇرژۇكى، ئەدەبىيات...

داۋامىنى ئوقۇڭ!