«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئا

①ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ بىرىنچى ھەرپى ۋە شۇ ھەرپنىڭ نامى

②«ئاۋۇ» سۆزىنىڭ قىسقارغان شەكلى.

③رەت جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شەيئىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئا. سىنىپ. ئاۋۇ «1- يىللىق ئا» سىنىپقا كىرىڭ.

④يۈكلىمە سۆز. پېئىللارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ تەكىتلەشنى بىلدۈرىدۇ: چاققانراق بولۇڭا. تېزرەك ماڭغىنا. كېلىمەن دەمسىزا؟

⑤تۇرغۇن سۆزلەردىن پېئىل ياسايدىغان قوشۇمچە: ياش- ياشا. قېيىن- قېينا. ئويۇن- ئوينا

ئاپا

ئىسىم ①بالىلىق ياكى بالىسى بار ئايال؛ ئانا. ②ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارنىڭ ئىسمىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ: ئايىمخان ئاپا. ③ئۈچىنجى شەخس ئىگىلىك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا بەزى ئەرلەرنىڭ ئۆز خوتۇنىنى ئاتاپ چاقىرىشىنى بىلدۈرىدۇ: ئاپىسى! بالىلار كۆرۈنمەيدۇغۇ؟ ④قورقۇش، چۆچۈشنى بىلدۈرىدىغان ئىملىق رولىدا كېلىدۇ: ئۆينىڭ ئىچىدە بىر قىزنىڭ «ئاپا!«دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.

ئاپرېل

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە>] <ئاسترونومىيە> ①بۇ قەدىمكى رىم خرىستىئانچىلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. ئۇ مىلادىيە كالېندارىنى تۈزۈشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاي شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ②مىلادىيە كالېندارى بويىچە 4-ئاي.

ئات

1. ئىسىم ①توم تۇياقلىقلارغا مەنسۇپ سۈت ئەمگۈچى يىرىك ئىش ھايۋىنى: يېيىشلىك ئات ھارماس (ماقال).*قېرىغاندا ئات تېزىكى ئالتۇن كۆرۈنەر (ماقال). ②ئاتنىڭ بېشىغا ئوخشىتىپ ياسالغان شاھمات ئۇرۇقى: ئاتنى ماڭماق. ③ئون ئىككى مۆچەلدە يەتتىنچى يىلنىڭ نامى: ئۇ ئات يىللىق.

2. ئىسىم ①ئادەم ياكى نەرسىلەرگە قويۇلغان مەخسۇس ئىسىم: ئۇنىڭ ئۆگەي قىزىنىڭ ئېتى ھەجەرخان، ئۆز قىزىنىڭ ئېتى پاتمىخان ئىكەن. ②نام، ئاتاق: ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا (ماقال). ③شان-شۆھرەت، ياخشى نام؛ داڭق: ياخشىدىن ئات قالىدۇ، ياماندىن داد قالىدۇ (ماقال). ④<تىل-يېزىق> شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىلدۈرۈپ، «كىم؟ نېمە؟«دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى ،«ئىسىم«مۇ دېيىلىدۇ: ئاتاقلىق ئات. تۈردەش ئات.