«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئاجراشماق

①«ئاجرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ بىر-بىرىنىڭ قۇچىقىدىن ئاجراشتى-دە، قاسىم ئاكىغا قاراپ كۈلۈمسىرەشتى. ②ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن ئايرىلماق، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسۋەتنى ئۈزمەك: مەۋلاننىڭ خوتۇنى بىلەن ئاجراشقىنىغا تېخى بىر ئايمۇ بولمىغانىدى.

ئاجىزلىماق

پېئىل ①جىسمانىي جەھەتتىن زەئىپلەشمەك، ھالسىزلانماق؛ كۈچى، قۇۋۋىتى ئازايماق: بەدەندە ئاقسىل ماددىسى ئازلاپ كەتسە، ئادەم ئاجىزلاپ، ھاياتى خەۋپكە يولۇقىدۇ.*بۇ يەرلەر بەك ئاجىزلاپ كەتكەچكە تۈزۈك ھوسۇل ئالالمايۋاتىمىز. ②پەسلىمەك، بوشىماق، تۆۋەنلىمەك (ئاۋاز ھەققىدە): بوۋاينىڭ ئاۋازى بارا-بارا ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى. ③خىرەلەشمەك، نۇرسىزلانماق: ئۆي ئىچىدىكى جىنچىراغ ئاجىزلاپ-ئاجىزلاپ، ئاخىر ئۆچۈپ قالدى. ④كۈچىدىن قالماق، ناچارلاشماق، ئىقتىدارى تۆۋەنلىمەك: راستىنى ئېيتسام كۆزۈم ئاجىزلاپ قالغانمۇ، زادى سېنى تونۇيالمايۋاتىمەن.

ئاچالگۆش

ئىسىم [ئاچال+گۆش] <يېمەكلىك> سوغۇق سەيلەرنىڭ بىر تۈرى، بۇ يېمەكلىك قوينىڭ پىشۇرۇلغان سان گۆشىنى يالپاقلاپ توغراپ، تەخسىگە تىزىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنچىگە توغرالغان سۇڭپىياز، ئاچچىقسۇ ۋە داغلانغان كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلار قۇيۇلۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئادۋۇكات

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە>] <قانۇن> دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھاۋالىسى ياكى سوت مەھكىمىسىنىڭ بەلگىلىشى بىلەن قانۇنىي ھالدا دەۋالاشقۇچىلارغا ھەمكارلىشىپ شىكايەت قىلىدىغان ياكى باشقا قانۇنىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس خادىم.