«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئادەمگەرچىلىك

ئىسىم ①كىشىلەرگە بولغان مۇھەببەت، مېھرىبانلىق، ئىنسانغا ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇش؛ ئىنسانپەرۋەرلىك: ئادەمگەرچىلىك قىلماق. ②كىشلەر ئارىسىدىكى بىر بىرىنى يوقلاش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بىر- بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئادىتى: ئادەمگەرچىلىك قېرىمايدۇ (ماقال).*ئۇلار بىرنەچچە قېتىم كەلدى، مەن ئۇلارنىڭ ئادەمگەرچىلىكىنى قايتۇرالمىدىم.

ئارتۇقچىلىق

ئى ①ئېھتىياجىدىن ئوشۇق ھالەت، زىيادىلىك: ياز ۋاقتى بولسىمۇ، سەپەرگە قېلىنراق كىيىم ئېلىۋېلىش ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ. ②ئالاھىدە تەرەپ، ئالاھىدىلىك، نەتىجە: كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە، كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە (ماقال).

ئارزۇلىماق

پېئىل ①ئارزۇ قىلماق، ئۈمىد قىلماق: بۇنى بىز ئەمەس، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ئارزۇ قىلىشقان. ھەتتا بۆشۈكتىكى كىچىك بالىلارمۇ ئۇنى ئارزۇلايدۇ. ②ياخشى كۆرمەك، ئامراق بولماق، ھەۋىسى كەلمەك: يىگىتنىڭ بېشىدا چىمەن دوپپا، ئۇچىسىدا ھازىرقى يىگىتلەر ئارزۇلاپ كىيىدىغان خۇرۇم چاپان بار ئىدى .③ئاسرىماق، پەپىلىمەك، ئەركىلەتمەك: زورىخان مايسەمنى ئارزۇلاپ، سۇنىڭ سۈزۈكىنى، ئاشنىڭ قويۇقىنى بېرىپ، قولدىن چۈشۈرمەي چوڭ قىلدى.

ئارىلاشما

①سۈپەت. ئىككىدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان نەرسىلەردىن تەركىب تاپقان: ئارىلاشما ئوغۇت. ئارىلاشما ماددا. ئەتراپتىكى مانتا ساناش، مېھمان چاقىرىشلار بىلەن قىڭراق، ساپلىقلارنىڭ ئارىلاشما ئاۋازلىرى ئۇلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ تۇراتتى. ②ئىسىم. تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ، ماددىلارنىڭ بىرىكىشىدىن، قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان مەھسۇلات: ئۇلار پولات، چويۇن ۋە باشقا ئارىلاشمىلارنى ھەر خىل نىسبەتتە تەڭشەپ سىناق قىلىشقا باشلىدى.