«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئاكسىئوما

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] ①<ماتېماتىكا> ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەكرار ئەمەلىيىتىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، قايتا ئىسپاتلاش ھاجەتسىز بولغان ھۆكۈم. <②لوگ> جەمئىيەتتە كۆپ سانلىق كىشىلەر ئېتىراپ قىلغان توغرا قائىدە.