«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئاسايىشتە

سۈپەت [پارسچە] ئۇرۇش-تالاش، جەڭگى-جېدەلدىن، غوۋغا-تەشۋىشتىن خالىي؛ تىنچ، بىخەتەر، خاتىرجەم: بىر قېتىم، بىر ياش ئالىم ئۇنىڭ بەھۇزۇر، ئوڭۇشلۇق، ئاسايىشتە تۇرمۇشىغا ئىنتايىن زوقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئاسترونومىيىلىك

سۈپەت. ئاسترونومىيىگە ئائىت، ئاسترونومىيىگە تەۋە: ئالدىنقى قېتىملىق «توققۇز سەييارىنىڭ مارجانسىمان رەتلىنىشى» دەك ئاسترونومىيىلىك ھادىسە بۇنىڭدىن 179 يىل ئىلگىرى كۆرۈلگەنىدى.

ئاشسۇ

ئىسىم [ئاش+سۇ] توي مۇراسىمىدا مېھمانلارغا زىياپەت بېرىش ئۈچۈن ئوغۇل تەرەپتىن قىز تەرەپكە بېرىلىدىغان نەرسىلەر: پەقەت توينىڭ ئاشسۈيىگىلا ئادەتتىكى ئىككى توينىڭ چىقىمى سەرپ قىلىندى.

ئاشلىق

①ئىسىم. ئۇن چىقىرىلىدىغان، ئاش-تاماق قىلىنىدىغان دان: دانلىق ئاشلىق. *ئىشلەپچىرىش دۈيىمىز يازلىق يىغىمدىلا 200 مىڭ جىڭ ئاشلىقنى ئامبارغا كىرگۈزدى. ②سۈپەت. ئاش بولىدىغان، ئاشقا يېتىدىغان (ئالدىغا ساناق سان ئېلىپ كەلگەندە): ئۆيدە ئاران بىر ئاشلىق ئۇن قالغانىكەن، شۇڭا ئازراق ئۇن تارتىپ كېلەي دەپ ماڭدىم.

ئاغدۇرماق

①«ئاغماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: مەن دەرھال كۆزۈمنى ئابدۇللاغا ئاغدۇردۇم. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ھاكىمىيەت ئۈستىدىن ياكى يۇقىرى مەنسەپتىن ئېلىپ تاشلىماق، چۈشۈرمەك، يىقىتماق: 1830 يىل 7- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە پارىژدا ئىنقىلاب پارتلاپ، بوربون سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ③ئۈستىگە يۈكلەنگەن، تېڭىلغان گۇناھ، جىنايەتنى يوققا چىقارماق: ئەنزە ئاغدۇرماق.

ئاغىچا

ئىسىم ①كونا جەمئىيەتتە باي، بەگ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان ئايال خىزمەتچى: ۋاڭ ۋە شاھزادە ئۈچۈن ئىككىدىن ئات قوشۇلغان پوچتا، خېنىم ۋە ئاغىچىلار ئۈچۈن چىلان رەڭ دۇخاۋىدا تاشلانغان پەنجىرىلىك مەپە تەييار قىلىندى. ②بىراۋغا نىكاھلانغان، بىراۋ بىلەن توي قىلغان ئايال؛ خوتۇن: (باسىت)-باشقا ئاغىچىلىرى شەرۋانەمنىڭ ئالدىدا بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلالمايدۇ دەيمەن، -دېدى شاڭيۇغا.