«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئالغۇر

سۈپەت ①ئوۋنى ياخشى ئالىدىغان: ئالغۇر بۈركۈت. ②ھەققىنى كەتكۈزمەيدىغان؛ ھەر باب بىلەن ئالىدىغان: ئۇ ناھايىتى ئالغۇر ئادەم بولغاچقا ئاللىقاچان ئۆلگەن پۇللارنىمۇ تىرىلدۈرۈپ ئالالىدى.

ئاللىنېمە

ئالماش [ئاللا+نېمە] قانداقتۇر ئېنىقسىز، نامەلۇم بىرنەرسە، نېمىدۇر: بەزىدە مەن تونۇمايدىغان كشىلەر ئاللىنېمىلەر بېسىلغان ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ مامۇتنىڭ قورۇسىغا كىرىپ كېتىشەتتى.

ئالەم

ئىسىم [ئەرەبچە] ①پۈتۈن مەۋجۇدات، بارلىق كائىنات، دۇنيا، پۈتۈن جاھان: كوڭكا! توۋا! ئالەم پەيدا بولغاندىن بۇيان بۇ يەرگە كوڭكىنىڭ بىرىنچى قېتىم كېلىشىغۇ بۇ! ②بۇ دۇنيا: ئالەمدىن ئۆتمەك. ئالەمدىن كەتمەك. ③ۋەزىيەت، ھالەت: ئەجەبمۇ زامان بولدى، ئالەم چۆرگىلەي دەيدۇ، يۈرەكتىكى زەرداب سۇ قانغا ئۆرگىلەي دەيدۇ (قوشاق). ④كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ۋاقىت، زامان:

ئامباللىق

①سۈپەت. ئامبالغا خاس، ئامبالغا تەئەللۇق بولغان: ئۇ ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئامباللىق تامغىسىنى تاشلاپ، ئۆزىگە گىرىم قىلىپ، مەركەزگە قېچىپ كېلىۋالغانىدى. ②ئىسىم. ئامبالغا خاس، مىجەز ئامباللارغا خاس ئىش، ھەرىكەت؛ ھۆكۈمرانلىق: ئۇ ئېرىنىڭ قىلغىنىنى ئاز دەپ ھە دېگەندە ئامباللىق قىلغىلى تۇردى.