«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئاداۋەت

ئىسىم [ئەرەبچە] ئۆزئارا چىقىشالماسلىق ياكى قارىمۇ قارشىلىق، دۈشمەنلىك مۇناسىۋەت؛ گىنە، خۇسۇمەت، ئۆچمەنلىك: ئاداۋەت تۇتماق. ئاداۋەت ساقلىماق.*مەن شەخسىي ئاداۋەت بىلەن زادىلا ھېسابلاشمايمەن.

ئادۋۇكاتلىق

ئىسىم. ئادۋۇكاتلارنىڭ دەۋالاشقۇچى، ئەيىبلەنگۈچى ياكى ئادەتتىكى شەخسلەرگە ھەمكارلىشىپ ئۇلارنىڭ قانۇنىي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەملىشىشى: ناھىيە بازىرىدىكى يۈسۈپ دېگەن كىشى ئادۋۇكاتلىققا تەكلىپ قىلىندى.

ئارا تۇرماق

تاقابىل تۇرماق، ساقلاپ قالماق؛ قوغدىماق، مۇھاپىزەت قىلماق:-ئۇنىڭ مېڭىشلىرىغا كېچە-كۈندۈز ياكى ئىسسىق-سوغۇق ئارا تۇرالمايدۇ،-دېدى ئابلىز. *-شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ جېنىغا ئارا تۇرغان مۇشۇ بالا ئەمەسمۇ؟!-دېدى ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ.

ئارتۇق

①رەۋىش. بەلگىلىك مىقداردىن، ساندىن ئوشۇق؛ زىيادە، كۆپ: ئارتۇق ئۇخلىساڭ ئاچ قالىسەن (ماقال).*25 سانى بەشتىن بەش ھەسسە ئارتۇق. ②سۈپەت. ئېھتىياجىدىن، نورمىدىن ئاشقان، ئوشۇق: يېنىڭدا ئارتۇق پۇلۇڭ بولسا بەش كوي بېرىپ تۇرامسەن؟ ③ياخشى، ئەۋزەل، ئەلا دېگەن سېلىشتۇرۇش مەنىسىدە كېلىدۇ: قىزدىن ئارتۇق جۇۋان بار، ئاتتىن ئارتۇق غۇنان بار (ماقال). ④سۈپەت. كۈچلۈك، زور، ئۈستۈن: قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق (ماقال).

ئارخىپشۇناسلىق

ئىسىم. مەخسۇس ئارخىپلارنى تۇرغۇزۇش، ساقلاش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىلمىي ئۇسۇللارنى تەتقىق قىلىدىغان، بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدىغان ئىلىم ساھەسى.