«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئاڭسىزلىق

ئىسىم ①ئاڭنىڭ يۇقلۇقى، بىلىمسىزلىك: مەدەنىيەت جەھەتتىكى نادانلىق سىياسىي جەھەتتىكى ئاڭسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ②<پسىخولوگىيە> ئۆزى بىلمەي، مەقسەتسىز ئېلىپ بارغان ھەرىكەت.

ئاڭلىماق

1. پېئىل ①تاۋۇشنى ئاڭلاش ئورگىنى ئارقىلىق قوبۇل قىلماق: مۇزىكا ئاڭلىماق. دەرس ئاڭلىماق. * قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا (ماقال). ②بىلمەك، خەۋەر تاپماق، خەۋەردار بولماق، ۋاقىپلانماق: باھارخان ئۆلگەندىن كېيىن باقىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. ③كۆڭۈل بۆلمەك، ئېتىبار بىلەن قارىماق، دىققەت-ئېتىبارىنى قاراتماق: ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىماق. *ئەخمەتجان قاسىمى بۇ ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈپ، خەلقنىڭ ياخشى تەلەپ-ئارزۇلىرىنى ئاڭلىدى. 2. ④قوبۇل كۆرمەك، ماقۇل بولماق: گەپ ئاڭلىماق. تەربىيە ئاڭلىماق. ⑤ئاغزاكى تەنبىھ، دەككە، دەشنەم ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئىشىتمەك: سېنى دەپ ئاپامدىن بىرمۇنچە گەپ ئاڭلىدىم.

ئاھانەتلىك

سۈپەت ①ھاقارەتلەنگەن، تىل-ئاھانەت ئىشىتكەن، قارىلانغان، خورلانغان: مېنىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ ئاھانەتلىك قىلىشىڭىزغا ئەمدى ھەرگىزمۇ چىداپ تۇرالمايمەن! چۈشەندىڭىزمۇ؟ ②كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان، نومۇس قىلدۇرىدىغان، ئۇيالدۇرىدىغان: يېشىڭ ئوتتۇزغا يەتمەي تۇرۇپ ئۈچ قېتىم ئۆيلەندىڭ، شۇڭا «خوتۇن بېدىكى» دېگەن ئاھانەتلىك نامغا ئېرىشتىڭ.

ئائورتا

ئىسىم [رۇسچە] <ئاناتومىيە> ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ ئارتېرىيە بولۇپ، ئۇ سول يۈرەك دالانچىسىدىن چىقىپ يۇقىرىغا سوزۇلۇپ، ئوڭغا قايرىلىپ، ئاندىن تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ياي شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئاندىن ئومۇرتقا بويلاپ تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، كۆكرەك، قورساق قاتارلىقلاردا كۆپلىگەن كىچىك ئارتېرىيىلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇ پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا قان يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاساسلىق تومۇر. ئۇ يەنە «چوڭ ئارتېرىيە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ: ئائورتا يايى.