«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئاخىرى

رەۋىش ①ئىش-ھەرىكەتنىڭ تۈگەش چېكى؛ ئايىغى، ئەڭ كەينى: مەن بۇ ئىشقا ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بىر ئامال تاپتىم. ②ئاخىرقى ھېسابتا، نەتىجىدە، بەرىبىر، ھامان: كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئاخىرى مۇھەببەت يالقۇنىغا ئايلاندى.

ئاداققى

سۈپەت. ئاخىرقى، ئەڭ ئاخىرقى: ئۇ ۋۇجۇدىدا ئۆز زامانىسىنىڭ قىزلىرىدا كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل قەتئىي مەردانىلىك ۋە يۈكسەك جاسارەتنى ھېس قىلدى ۋە ئاداققى قەتئىي قارارغا كەلدى.

ئادىئاباتىك

سۈپەت [رۇسچە<گرېكچە] <فىزىكا> ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىسسىقلىق مىقدارى ئۆزگەرمەيدىغان؛ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدىغان، ئىسسىقلىق تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان: ئادىئاباتىك جەريان. ئادىئاباتىك دەستىلەش.

ئادەمگەرچىلىك

ئىسىم ①كىشىلەرگە بولغان مۇھەببەت، مېھرىبانلىق، ئىنسانغا ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇش؛ ئىنسانپەرۋەرلىك: ئادەمگەرچىلىك قىلماق. ②كىشلەر ئارىسىدىكى بىر بىرىنى يوقلاش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بىر- بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئادىتى: ئادەمگەرچىلىك قېرىمايدۇ (ماقال).*ئۇلار بىرنەچچە قېتىم كەلدى، مەن ئۇلارنىڭ ئادەمگەرچىلىكىنى قايتۇرالمىدىم.

ئارتۇقچىلىق

ئى ①ئېھتىياجىدىن ئوشۇق ھالەت، زىيادىلىك: ياز ۋاقتى بولسىمۇ، سەپەرگە قېلىنراق كىيىم ئېلىۋېلىش ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ. ②ئالاھىدە تەرەپ، ئالاھىدىلىك، نەتىجە: كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە، كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە (ماقال).