«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئاپلا

ئىملىق سۆز ①كۈتۈلمىگەن ۋەقە-ھادىسىدىن تەئەججۈپلىنىش ۋە پۇشايمان قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ: ئاپلا، خوشلىشالماي قاپتىمەن-دە. ②ئېچىنىش، قايغۇرۇش، ھېسداشلىقنى ئىپادىلەيدۇ:-ئاپلا!-دەۋەتتى زەينەپ چوڭقۇر ئېچىنغان ھالدا،-ئەتىيازدا قۇرغاقچىلىق، كۈزدە بولسا سۇ ئاپىتى .③غەزەپ، خاپىلىقنى بىلدۈرىدۇ:-ئاپلا!-دەپتۇ ئوتۇنچى غەزەپ بىلەن چىشىنى چىشلەپ.

ئاتقۇچ

ئىسىم. كىچىك تىپتىكى بالىلار قورالى. بۇرۇن ئاچىماق ياغاچنىڭ ئىككى ئاچىسىغا ئىككىلىك كەڭلىكتىكى لاتىنى باغلاپ ياسىلاتتى، ھازىر رەزىنكە باغلاپ ياسىلىدۇ. رەزىنكە ئارىسىغا كىچىك تاش قاتارلىقلارنى قىستۇرۇپ، رەزىنكىنى سوزۇپ تۇرۇپ قويۇپ بېرىلىدۇ. ئادەتتە قوشقاچ قاتارلىق كىچىكرەك ئۇچار قاناتلارنى ئېتىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئاتلانتىك ئوكيان

<جۇغراپىيە> ئاتلانتىك ئوكياننى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ياۋروپا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىنى شىمالىي ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان، دۇنيادىكى تۆت ئوكياننىڭ بىرى.

ئاتىدارچىلىق

ئىسىم. ئاجىز، يېتىم يېسىر، تايانچسىز كىشىلەرگە قىلىنىدىغان غەمخورلۇق؛ يار-يۆلەك، تايانچ، كۆيۈنۈش: بىز بۇ ياققا ماڭىدىغان چاغدا دادىسى ئۇنى ئاشۇ تاغىسىنىڭ ئاتىدارچىلىقىغا قالدۇرغانىدى.

ئاجراشماق

①«ئاجرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ بىر-بىرىنىڭ قۇچىقىدىن ئاجراشتى-دە، قاسىم ئاكىغا قاراپ كۈلۈمسىرەشتى. ②ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن ئايرىلماق، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسۋەتنى ئۈزمەك: مەۋلاننىڭ خوتۇنى بىلەن ئاجراشقىنىغا تېخى بىر ئايمۇ بولمىغانىدى.

ئاجىزلىماق

پېئىل ①جىسمانىي جەھەتتىن زەئىپلەشمەك، ھالسىزلانماق؛ كۈچى، قۇۋۋىتى ئازايماق: بەدەندە ئاقسىل ماددىسى ئازلاپ كەتسە، ئادەم ئاجىزلاپ، ھاياتى خەۋپكە يولۇقىدۇ.*بۇ يەرلەر بەك ئاجىزلاپ كەتكەچكە تۈزۈك ھوسۇل ئالالمايۋاتىمىز. ②پەسلىمەك، بوشىماق، تۆۋەنلىمەك (ئاۋاز ھەققىدە): بوۋاينىڭ ئاۋازى بارا-بارا ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى. ③خىرەلەشمەك، نۇرسىزلانماق: ئۆي ئىچىدىكى جىنچىراغ ئاجىزلاپ-ئاجىزلاپ، ئاخىر ئۆچۈپ قالدى. ④كۈچىدىن قالماق، ناچارلاشماق، ئىقتىدارى تۆۋەنلىمەك: راستىنى ئېيتسام كۆزۈم ئاجىزلاپ قالغانمۇ، زادى سېنى تونۇيالمايۋاتىمەن.

ئاچالگۆش

ئىسىم [ئاچال+گۆش] <يېمەكلىك> سوغۇق سەيلەرنىڭ بىر تۈرى، بۇ يېمەكلىك قوينىڭ پىشۇرۇلغان سان گۆشىنى يالپاقلاپ توغراپ، تەخسىگە تىزىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنچىگە توغرالغان سۇڭپىياز، ئاچچىقسۇ ۋە داغلانغان كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلار قۇيۇلۇپ تەييارلىنىدۇ.