«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئاتچىلىق

ئىسىم ①ئات بىلەن يۈك توشۇپ كىراكەشلىك قىلىش ياكى ئات بېقىش ئىشى، كەسپى: ئاتچىلىق مېنىڭ ئاتا كەسپىم. ②ئاتلارنى نەسىللەندۈرۈش ياكى، بېقىپ پەرۋىش قىلىش ئىشى، كەسپى: ئاتچىلىق فېرمىسى.

ئاچا

1. ئىسىم. ئا :چا ①بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئىچىدىكى ئۆزىدىن چوڭ ئايال تۇغقان: پاتەمخان مېنىڭ ئاچام. ②ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارنى ھۆرمەتلەشتە ئېيتىلىدۇ: ئىشىك چېكىشنىمۇ ئۇنتۇپ ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ كىرىپ كەلگەن پەرھاتنى گۆھەرنىساخان ئاچا قىزغىن كۈتۈۋالدى.

2. ①سۈپەت. بىر گەۋدىدىن ئاجرىلىپ چىققان، بۆلۈنگەن: ئاچا ياغاچ. ئاچا قۇيرۇق. ئاچا يول. ②ئىسىم. نەرسىلەرنىڭ بىر گەۋدىدىن ئايرىلىپ چىققان قىسمى، بۆلىكى؛ پۇتاق: قاسىم ھويلىدىكى ئاچىغا چاپىنىنى ئېسىپ قويۇپ ئىتتىك ئۆيگە كىردى.*بۆرە قوينىڭ قۇيرۇقىنى ئاچىسىدىن چىشلەپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىپتۇ .③ئىسىم. بىر نەرسىنى يۆلەپ قويىدىغان تىرەك: بىز ئۆرۈلۈپ كەتمىسۇن دەپ ئاچا يۆلەپ قويغان تامنىڭ يېنىدىن ئۆتتۇق.

ئاچىماق

سۈپەت. ئاچىسى بار، ئاچىلىق: بىز بىر قېتىم يوغان ئاچىماق قارىياغاچنىڭ سايىسىدا ئارام ئالغانىدۇق. // سەيدىنقارىينىڭ خىيالىنى قارىياغاچنىڭ ئاچىمىقىغا بېكىتىلگەن رادىئو كانىيىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بۆلۈۋەتتى.

ئاخشامقى

سۈپەت ①كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغان ۋاقىتتىكى: خۇددى چۈشتەك ئاخشامقى ۋەقە، كەلدى ئۇنىڭ ئېسىگە بىردىن. يۈرەك قەلبى تولۇپ غەزەپكە، تۇرۇپ كەتتى ياتقان ئورنىدىن. ②كەچكى، كەچقۇرۇنقى.