«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بورسۇق

ئىسىم <بىئولوگىيە> سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تۈكلىرى ئومۇمەن كۈل رەڭ، قورساق بىلەن تۆت پۇتى قارا بولىدۇ، بارماق ئۇچىدا ئۇزۇن ۋە ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولىدۇ. توپا كولاشقا ماھىر، تاغ باغرىلىرىدا كامار كولاپ ياشايدۇ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ.

بوزتىكەن

ئىسىم [بوز+تىكەن] <بوتانىكا> مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە ئاق سۈت بار؛ غولى تىك، تۈكسىز، سىلىق كېلىدۇ، گىرۋىكىدە تىكەنلىك چىشلىرى بولىدۇ؛ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىسسىقنى تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، تۇرۇپ قالغان قاننى ماڭدۇرۇش ۋە يىرىڭنى چىقىرىپ غەلۋىرەكنى ساقايتىش رولى بار.

بولسا

①«بولماق» پېئىلىنىڭ شەرت رايى: ئوغرى بولساڭ ئىنساپ بىلەن بول، قازىنىنى ئالساڭ تۇۋىقىنى قوي (ماقال).*ھەر كىشىنىڭ يارى بولسا قېشىدا بولسا، پەرەڭ ياغلىق ئاشۇ يارنىڭ بېشىدا بولسا. ②باغلىغۇچى. جۈملىدە ئىگە بىلەن خەۋەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئايرىغۇچى باغلىغۇچى رولىدا كېلىدۇ: مەن بولسام ئوقۇتقۇچى، ئەخمەت بولسا دېھقان. ③ئىلگىرىلەش باغلىغۇچى رولىدا كېلىدۇ: جوزا توغرالغان نان، پىششىق گۆش، سېرىقماي، قېزا، سامسىلار بىلەن تولغان، تاشقىرىقى ئۆيدىن بولسا قايناۋاتقان سۈر گۆشنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. ④«غان، قان، گەن، كەن» قوشۇمچىلىرى بىلەن ياسالغان سۈپەتداشلار بىلەن بىللە كېلىپ، قوشما جۈملە تەركىبىدىكى شەرت جۈملە بىلەن پەرەز جۈملىنى باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ: سەن كەلمىگەن بولساڭ، مەن باراتتىم.