«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بۇغا

ئىسىم <زوئولوگىيە> ①سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدىكى كۆشىگۈچىلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان ھايۋان. ئەركەكلىرىنىڭ بېشىدا مۈڭگۈزى بولىدۇ، بەزى تۈردىكى چىشىلىرىنىڭمۇ مۈڭگۈزى بولىدۇ؛ تۈكلىرىنىڭ ھەممىسى بېغىر رەڭ، بەزىلىرىنىڭ ئالىسى ياكى يوللىرى بولىدۇ؛ ئاڭلاش ۋە پۇراش سەزگۈلىرى ئۆتكۈر كېلىدۇ. ②شۇ ھايۋاننىڭ ئەركىكىنىڭ نامى.

بۇلاڭ

①ئىسىم. زورلۇق بىلەن بۇلاپ ئېلىۋېلىش، تارتىۋېلىش، بۇلاش: بۇلاڭ قىلماق. بۇلاڭغا قالماق. ②ئىسىم <ئىرق> مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن يۈننەندە ياشايدۇ.

بۇلىماق

پېئىل ①زورلۇق كۈچ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالماق، تالان-تاراج قىلماق: «مامۇت چايان» خەلقتىن بۇلىۋالغان مال-چارۋىلارنى ئالدىغا سېلىپ ماڭار چېغىدا ئۇدۇل كەلگەن بىرقانچە ئۆيگە ئوت قويۇۋېتىپ، تاغ ئىچىگە قاراپ تىكىۋەتتى. ②يۇقۇشىدىغان نەرسىگە پاتۇرماق، تۆگۈرمەك، مىلىمەك: ئۇ قولىدىكى ناننى لازىغا بۇلاپ يەپ تۈگەتتى.