«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بېلىقگۈل

ئىسىم [بېلىق+گۈل] <بوتانىكا> چوقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرماقلىرى تارىلىپ ئۆسىدۇ؛ گۈلىنىڭ رەڭگى سېرىق؛ تېنىنىڭ يەر ئۈستى قىسمى دورا قىلىنىدۇ. ئۇ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ياللۇغنى يوقىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولىغا ئىگە.

بەتگۇمان

سۈپەت [پارسچە] ھەركىمدىن، ھەربىر ئىشتىن گۇمان قىلىدىغان، ھەركىمگە، ھەر نەرسىگە شۈبھە بىلەن قارايدىغان؛ گۇمانخور: گەر مېنى «ئوغرى» دېسە پۈتكۈل جاھان، پاكلىقىمدىن قىلچە قىلمايمەن گۇمان. بەتگۇمانلار تۇتسا مېنى «ئوغرى» دەپ، بۇندىن ئارتۇق دەردمۇ بولمايدۇ ماڭا.

بەرگ

ئىسىم [پارسچە] ①<يېزىق تىلى> يوپۇرماق: ئاينۇر دەيدىغان گېپىنى توختىتىپ، ئولتۇرغان پېتى سېكىلەك گۈلنىڭ بەرگلىرىنى پارچىلاپ يۇلۇشقا باشلىدى. ②ساپاق: يارنىڭ بېغىدا ئالما پىشىپتۇ، بەرگى ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشۈپتۇ.