«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بەز

①ئىسىم <ئاناتومىيە> جانلىق ئورگانىزملارنىڭ تېنى ئىچىدىكى بەز ھۈجەيرىلىرىدىن تۈزۈلگەن ۋە بەلگىلىك دەرىجىدە خىمىيىۋى ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدىغان توقۇلما: تەر بېزى. شۆلگەي بېزى.*مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق، بەزگە ئامراق (ماقال). ②ئىسىم. ئورگانىزمنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن تومپىيىپ چىققان جاي: ئوغلۇم، تولا ئاقسىماي ماڭ، تېقىمىڭغا بەز چۈشۈپ قالمىسۇن يەنە. ③سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. گەپ-سۆز تەسىر قىلمايدىغان، قاشاڭ، يۈزى قېلىن: بەز قۇلاق.*تۇرسۇن ئاكامنىڭ بالىسى بىر بەز ئادەم بوپتۇ. ④سۈپەت. سۇ سىڭمەيدىغان، قاتمايدىغان ھەم يۇمشىمايدىغان: بەز تۇپراق. بەز لاي.

بەلگىلىمەك

پېئىل ①بىرەر شەرتلىك بەلگە، ئىشارەت بىلەن ئىپادىلىمەك: خىمىيىدە ھىدروگېن «H» بىلەن بەلگىلىنىدۇ. ②بىرەر خۇسۇسىيەت، ماھىيەتكە ئاساسەن مەلۇم يەكۈننى ئىپادىلىمەك: يازنىڭ كېلىشىنى باھار بەلگىلەيدۇ. * ئادەمنىڭ روھى پەزىلىتىنى بەلگىلەيدىغان نەرسە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مۇددىئاسى دېگەن بىر بار.③بىر قارارغا كەلمەك، قارار قىلماق: -بولدى، بولدى، ئادىلە، سەن گۈزەلئاينى باشلاپ كېلىۋەر. كەچكى تاماق مەشەدە يېيىلىدۇ، شۇ كۈنكى ئولتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىنى بىز بەلگىلەيمىز، نېمىشقا دېسەڭ، بۇ ساھىبخاننىڭ ئىشى!- دېدى رەقىب.④بىرەر مەقسەت ئۈچۈن تاللىماق، كۆرسىتىپ بەرمەك: ئابلىمىت ئەختەمگە داۋاملىق تەكرار قىلىش ئۈچۈن دەرسلىك كىتابتىن بىرنەچچە جاينى بەلگىلەپ بېرىپ ئۆزى شەھەرگە كىرىپ كەتتى. ⑤ئىشقا قويماق، تەيىنلىمەك: ئۇلار مېنى ئوقۇتقۇچىلىققا بەلگىلىدى.

بەيگىلىك

سۈپەت. ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان، لايىق (مەيدان، جاي ھەققىدە): بىر بەيگىلىك يەرگە ئۆستەڭمۇ ئېلىنغانۇ، لېكىن ئۇنى ياۋا چوشقىلار بىرلا كېچىدە تىلغاپ تىندۇرۇۋەتكەن.

باب، بابى

ئىسىم [ئەرەبچە] ①كىتاب، ئەسەر، ماقالە قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر ئايرىم بۆلىكى؛ قىسمى: كىتابنىڭ بىرىنچى بابى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. دەۋر، سەھىپە: ئىسلاھات شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى باب ئاچتى. ③ئامال، چارە: ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، جايلايدۇ ھەر باب بىلەن (ماقال). ④سۈپەت [پارسچە] ماس، مۇناسىپ، توغرا، مۇۋاپىق؛ لايىق: باب كەلمەك. ئاشپەز ئۇستىلار قازانغا باب ساپلانغان يوغان كەپكۈرلەر بىلەن شويلىنىڭ ئوبدان بولۇشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلماقتا.