«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بۆلۈنگۈچى

①سۈپەت. بۆلۈنىدىغان، پارچىلىنىدىغان: بۆلۈنگۈچى شەيئىسىم. بۆلۈنگۈچى ماددا. ②ئىسىم <ماتېماتىكا> بۆلمەكچى بولغان سان: بۆلگۈچى ئىككى، بۆلۈنمە تۆت بولسا، بۆلۈنگۈچى سەككىز بولىدۇ. ③ئىسىم <لوگىكا> بۆلۈنمەكچى بولغان جىنس ئۇقۇم.

بۇرۇت

ئىسىم ①ئادەملەرنىڭ بۇرنىنىڭ ئاستى ۋە يۇقىرىقى لېۋىنىڭ ئۈستىگە چىقىدىغان موي، تۈك. ②بەزى ھايۋانلارنىڭ ئۈستۈنكى تۇمشۇقىغا چىققان سېزىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تۈك: مۈشۈكنىڭ بۇرۇتى. بېلىقنىڭ بۇرۇتى.

بۇرۇنقى

سۈپەت ①ئاۋۋالقى، ئىلگىرىكى؛ كونا، قەدىمكى، ئۆتمۈشتىكى: بۇرۇنقى ئادەملەر، بۇرۇنقى مەكتەپلەر. بۇرۇنقى زامان. ②بىرەر پەيتتىن؛ ۋەقە، ھادىسىدىن ئالدىن بولغان؛ ئىلگىرىكى: ئۇ بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى.

بۇل

ئىسىم ①تۈگمەن ئوقىغا بېكىتىلگەن، چۆرىسىگە قانات قېقىلغان يۇمىلاق كۆتەك. ②ھارۋىنىڭ ئوقىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدىغان، ئىچىگە ياپىلاق تۆمۈر ئورنىتىلغان ئىچى كاۋاك يۇمىلاق كۆتەك. ③چىغىرىقنىڭ ئايلىنىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان بىر خىل ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئۈسكۈنىسى. ئادەتتە قۇدۇقتىن سۇ تارتىش، كېمە، پاراخوتلاردا لەڭگەرنى تارتىش، مال بېسىش ۋە چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ④سۈپەت. ئۆزىگە ئۆتكەن نەمنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئىچىدىن بىخسىغان، ئېچىغان، ئەسلىي ھالىتى بۇزۇلغان: بۇل بۇغداي. بۇل بولماق.