«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بۆرىقۇيرۇق

ئىسىم [بۆرە+قۇيرۇق] <بوتانىكا> باشاقلىقلار ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى يىپسىمان، گۈلىنىڭ شەكلى بۆرە قۇيرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئادەتتە تاغ باغرىدا ياكى يول بويىدا ئۆسىدۇ. يۇمشاق كۆتىكى (غولى) ئېسىل يەم-خەشەك ماتېرىيالى بولىدۇ، شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى ئىزولياتسىلىيىگۈچى قەغەزنىڭ ياخشى ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

بۆشۈك

ئىسىم ①بوۋاق بالىنى بۆلەپ بېقىش ئۈچۈن ياسالغان كارىۋات شەكىللىك جابدۇق: بالىنى بۆشۈككە بۆلىمەك. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر نەرسىنىڭ، ۋەقە-ھادىسىنىڭ تۇغۇلغان يېرى، ماكانى: ئىنقىلاب بۆشۈكى-يەنئەن.

بۆلۈنگۈچى

①سۈپەت. بۆلۈنىدىغان، پارچىلىنىدىغان: بۆلۈنگۈچى شەيئىسىم. بۆلۈنگۈچى ماددا. ②ئىسىم <ماتېماتىكا> بۆلمەكچى بولغان سان: بۆلگۈچى ئىككى، بۆلۈنمە تۆت بولسا، بۆلۈنگۈچى سەككىز بولىدۇ. ③ئىسىم <لوگىكا> بۆلۈنمەكچى بولغان جىنس ئۇقۇم.

بۇرۇت

ئىسىم ①ئادەملەرنىڭ بۇرنىنىڭ ئاستى ۋە يۇقىرىقى لېۋىنىڭ ئۈستىگە چىقىدىغان موي، تۈك. ②بەزى ھايۋانلارنىڭ ئۈستۈنكى تۇمشۇقىغا چىققان سېزىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تۈك: مۈشۈكنىڭ بۇرۇتى. بېلىقنىڭ بۇرۇتى.

بۇرۇنقى

سۈپەت ①ئاۋۋالقى، ئىلگىرىكى؛ كونا، قەدىمكى، ئۆتمۈشتىكى: بۇرۇنقى ئادەملەر، بۇرۇنقى مەكتەپلەر. بۇرۇنقى زامان. ②بىرەر پەيتتىن؛ ۋەقە، ھادىسىدىن ئالدىن بولغان؛ ئىلگىرىكى: ئۇ بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى.