«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بېزەرمەك

پېئىل. يۈزىنى قېلىن قىلىۋالماق، گەپ تەسىر قىلمايدىغان بولۇۋالماق، گۆشەيمەك، بېزەڭلەشمەك:-داداڭ ئىشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن ماڭمامسەن بېزىرىپ تۇرماي،-دېدى نىيازنى سەل ئىتتىرىپ ھېلىقى چار ساقال كىشى.

بېسىلماق

①«باسماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ھارۋىغا يۈك بېسىلدى. ②«باسماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى: ئۇنىڭ ئاغزى بېسىلدى. ③جىددىيلىك پەسەيمەك، نورمال ئىزىغا چۈشمەك؛ توختىماق: جېدەل بېسىلدى.

بېشىدا ياڭاق چاقماق

بوزەك قىلماق، خورلىماق، ئاياغ ئاستى قىلماق:-قاراپ تۇرساق، لەي سى بېشىمىزدا ياڭاق چاقىدۇ، نەسەب ئۈزۈلىدۇ، سىلى ئېغىر كۆرمەي، كاھنى ھەمراھ قىلىپ، ئاتۇشقا بېرىپ كەلسىلە قانداق؟-دېدى ئاينىگار.

بېغىش

ئىسىم ①بىلەكنىڭ ئالىقان بىلەن تۇتىشىدىغان ئۈگىسى. ②ئۇستىخان ۋە غولنىڭ تۇتىشىپ تۇرىدىغان ھەربىر ئۈگىسى: ئۇلار ئۇخلىغان چاغدا تېنىنى بېغىش-بېغىشلىرىدىن چېپىپ پارچىلىۋەتسىمۇ ھەرگىز ئويغانمايدۇ. ③زىرائەتنىڭ ھەربىر بوغۇملىرىنىڭ تۇتىشىپ تۇرغان، مېۋىلەرنىڭ غولىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان جايى: ھەر تاۋۇز، ھەر تاۋۇز، ھەر بېغىشتا بىر تاۋۇز. ④ئىسىم. تۈگمەننىڭ نۆۋىتىنى كۈتۈپ ئاپىرىپ قويىدىغان ئازراق ئاشلىق، ئۈگۈت: تۈگمىنىڭ تېگەر بولسا، بېغىشىڭنى قۇيدۇرما. ئاشىقىڭدىن سۆز ئالساڭ، دۈشمىنىڭگە تۇيدۇرما.

بېگېموت

ئىسىم [رۇسچە] زوئولوگىيە سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. ئۇنىڭ تېنى چوڭ، بېشى يوغان ۋە تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدە كېلىدۇ؛ كۆپ ۋاقىتلاردا سۇدا ياشايدۇ، ئادەتتە بېشىنى سۇ يۈزىگە چىقىرىپ تۇرىدۇ؛ ئافرىقىدىن چىقىدۇ.

بېھى

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> ①ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. مېۋىسى خۇش پۇراقلىق، تەمى چۈچۈمەل بولۇپ، مۇراببا قاينىتىشقا ياكى دورا ياساشقا بولىدۇ. ②مۇشۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

بەختسىز

سۈپەت ①بەختى يوق، بەخت تاپمىغان، بەخت-سائادەتتىن يىراق، بەختى قارا، تەلەيسىز: بەختسىز ئادەم. // دىۋە بېلىقچىنى كۆرۈپ: ئەي بەختسىز، مەن سېنى ھازىر ئازابلاپ ئۆلتۈرىمەن!-دەپتۇ. ②كۆڭۈلسىز ھادىسىگە، بەختسىزلىككە يولۇققان؛ بىچارە: بەختسىز بالا.