«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بۇنچىلىك

①رەۋىش. بۇ قەدەر، بۇ دەرىجىدە: رۇستەم غوجىنىڭ غۇژغۇن مىجەزلىكىنى بىلەتتى، لېكىن بۇنچىلىك قوپاللىقىنى تېخى كۆرۈپ باقمىغانىدى. ②سۈپەت. ئۆزى ئېنىقلاپ كەلگەن ئىسىم ئىپادىلىگەن شەيئىنى مىقدار، ھەجىم، دەرىجە، خۇسۇسىيەت ۋە ھالەت قاتارلىق جەھەتلەردىن تۆۋەنلىتىپ ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدۇ: پوچتىكەش:-كېرەك يوق، بۇنچىلىك يول دېگەن نېمىتى؟-دېدى.

بۇۋانە

ئىسىم <بوتانىكا> ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك؛ گۈلى چوڭ، سۆسۈن رەڭلىك؛ يىلتىزسىمان غولى قاغىنىڭ بېشىغا ئوخشاش كاللەك كېلىدۇ. ئۇ زەھەرلىك بولۇپ ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

بېرىپ

①«بارماق» پېئىلىنىڭ رەۋىشدىشى: ئايىمخان ئۆتكەن ئايدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئوغلىنى كۆرۈپ كەلدى. ②يۈك «شۇنداق قىلىپ، نەتىجىدە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: بۇ ئىش ئاخىرى بېرىپ سۇغا چىلاشتى.