«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بادام

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> ①ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ئۇرۇقى ئاچچىق بولىدىغانلىرى ئاچچىق بادام، تاتلىق بولىدىغانلىرى تاتلىق بادام دېيىلىدۇ. ②شۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى.

باراڭلىق

①ئىسىم. باراڭ بولغان ھالەت: ھويلىغا قاپاق تېرىپ، قاپاق باراڭلىق قىلدىلا، يار ئۈستىگە يار تۇتۇپ، ئەجەب ساراڭلىق قىلدىلا. ②سۈپەت. باراڭ بار، باراڭ جايلاشقان: نەمەت دېرىزە ئالدىغا كېلىپ دەرەخلىك ئارىسىدىن سايىمنىڭ باراڭلىق ھويلىسىغا تىكىلدى.