«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بارماق

①ئىسىم. پۇت، قول پەنجىلىرىنىڭ ھەربىرى. ②پېئىل. سۆزلىگۈچى ياكى كۆزەتكۈچى تۇرغان جايدىن، نەزىرىدىن نېرى كەتمەك، يىراقلاشماق، يول ئالماق: بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ (ماقال). ③پېئىل.داۋاملاشماق، داۋام قىلماق: بۇ يەردە گەپ دۆلەت ھاكىمىيىتى پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدىلا بارىدۇ. ③پېئىل. رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ تۈس مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ④پېئىل. ئىش-ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: مەن ھۇشۇر ئاكامغا ياندىشىپ كېتىپ باراتتىم. ⑤پېئىل. ئىش-ھەرىكەتنىڭ پەللىمۇپەللە ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ: دۆلەت بىكار قىلىنىدۇ ئەمەس، ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن ھالاك بولۇپ بارىدۇ. ⑥پېئىل. ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ: ئۇ، بۇ كەمگىچە كورلىغا يېتىپ باردى. ⑦پېئىل. يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن سانلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ، شۇ نەرسىنىڭ شۇ سان بىلدۈرگەن چەككە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ: ئۇنىڭ بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلى 21 مىڭ يۈەنگە بارىدۇ.