«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بۇياق

ئىسىم [بۇ+ياق] ①سۆزلىگۈچى ئىشارە قىلغان ياكى كۆرسەتكەن تەرەپ: مەرەمنىسا:-گۈلەمخان ئاچا، بۇياققا چىقسىلا،-دەپ توۋلىدى. ②«بۇ كىشى، بۇ ئادەم» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ:-يولداش خەمىت،-دېدى ئادىل بىللە كەلگەن ئادەمنى كۆرسىتىپ،-بۇياق سىزنى ئىزدەپ كەپتۇ. ③تەۋەلىك 3-شەخس قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ، «مابەينىدە، بۇ تەرىپىدە» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ: ئۇلار ئىككى-ئۈچ كۈننىڭ بۇياقى سوقىدا يېتىپ، سوقىنىڭ قاتتىق-قۇرۇقلىرىغا خېلى كۆنۈپ قالغانىدى.

بۇيرۇماق

پېئىل ①بىرەر ئىشنى قىلىشقا، بېجىرىشكە بۇيرۇق بەرمەك؛ تاپشۇرماق؛ تاپىلىماق: ئىت مۈشۈكنى بۇيرۇسا، مۈشۈك قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ (ماقال). ②ھۆكۈم قىلماق، ھۆكۈم چىقارماق: خەلىپە ھارۇن رەشىد ئۇنى شۇ يەردە ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ. ③بىرەر ئىشنى ئالدىن ھاۋالە قىلماق، زاكاز قىلماق، بۇيرۇتماق: گۈلخېنىم شەرىخانغا بىر دوپپا بۇيرۇغانىدى. ④قانۇنىي يول بىلەن ئىگىلىكىدە، تەۋەلىكىدە قىلىپ بەرمەك: ئېگىچە-سىڭىللار:-بولمىسا، قازىغا بارىمىز، قازى قايسىبىرىمىزگە بۇيرۇپ بەرسە يىگىت شۇنىڭ بولىدۇ،-دەپ دىۋىلەرنىڭ قازىسىغا بېرىپتۇ. ⑤مەلۇم ئىشنى قىلىش ياكى مەلۇم بىرىنى قىلماسلىقنى ۋەسىيەت قىلماق، يېزىپ بەرمەك (دوختۇر، تېۋىپلارنىڭ كۆرسەتمىلىرى ھەققىدە): دورا بۇيرۇماق. ⑥بىرەر ئىش، تاپشۇرۇق بىلەن ئەۋەتمەك: مۇزەپپەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بىزنى شۇ كۈنىلا تاغقا بۇيرۇدى. ⑦نېسىپ بولماق، نېسىپ قىلماق: يۈگۈرگەن قالار، بۇيرۇغان ئالار (ماقال).*بۇيرۇسا بالا، بۇيرۇمىسا بالا (ماقال).

بېشى ئاسمانغا تاقاشماق

چەكسىز خۇشاللىققا چۆممەك، ئىنتايىن ھاياجانلانماق: كۈنلەرنىڭ بىرىدە سېنىڭ قولۇڭدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىرەرى داڭلىق ئادەم بولۇپ قالسا، قېرىغىنىڭدا ئۇ سېنى يوقلاپ كېلىپ، ئوڭ قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ سالام بەرسە، سېنىڭ بېشىڭ ئاسمانغا تاقاشمامدۇ؟