«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بوپىلىق

سۈپەت ①بوپا قىلىنغان، بوپىلانغان: چوڭ بوپىلىق يۇڭ. ②بوپىلاشقا مۇۋاپىق، لايىق: مەن ئەتە كىتابلارنى پوچتىدىن سېلىۋەتمەكچى، ئۇنى ئوراش ئۈچۈن سەن بىر قانچە بوپىلىق قەغەز ئەكەلگىن.

بوشاشماق

①«بوشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. ②قاتتىقلىقىنى ۋە چىڭلىقىنى يوقاتماق: تۇيۇقسىز باسقان سۇ ئاپىتىدىن تاملار بوشىشىپ ئۆرۈلۈشكە باشلىدى. ③مادارىدىن كەتمەك، كۈچسىزلەنمەك، زەئىپلەشمەك: ساقسىز بولۇپ قالدىڭمۇ چىمەن؟ نەچچە كۈندىن بېرى بوشىشىپلا كەتتىڭغۇ؟