«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بايانات، باياناتى

ئىسىم [ئەرەبچە] ①بايان قىلىۋاتقان بىرەر ئىش، ۋەقە ۋە ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ تەپسىلاتى، بايانى؛ باياننامە: ئۇ خىزمەتتىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەر ئۈستىدىن خېلى ئوبدان بايانات بېرىپ ئۆتتى. ②دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر، مۇزاكىرىلەر، خەلقئارا ئەھۋال ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە مەنپەئەتدار تەرەپلەر ھەم ئومۇمىي ئاخبارات ئۈچۈن ئاغزاكى ياكى يازما شەكىلدە ئېلان قىلىدىغان ئۇقتۇرۇش ۋە ياكى شۇ ھەقتىكى ھۆججەت: بايانات ئېلان قىلماق.