«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەزمىلەشمەك

پېئىل ①گەپنى تەكرارلاۋەرمەك، گەپنى سوزۇپ ئىنجىقلاپ قىلماق: بىزنىڭ بۇ باشلىقىمىز ئەزمىلىشىپ يىغىن ئاچسا بىر كۈننى ئالىدىغان بولدى. ②بوشاپ كەتمەك، ئاستا، ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن قىلماق:-سايىم، ئەزمىلىشىپ كېتىپسەن، ئاخشام توي باغىقىنى نېمە ئۈچۈن ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ بەرمەيسەن؟-دېدى ئۇ سايىمغا.

ئەستايىدىل

رەۋىش [پارسچە] ①چىن كۆڭلىدىن، كۆڭۈل قويۇپ، قېتىرقىنىپ: ئوسمان دوختۇر بالىنىڭ كېسىلىنى ئەستايىدىل تەكشۈردى. ②ھەممە تەرەپنى ھېسابقا ئېلىپ، ئەتراپلىق: ئۇ ئەستايىدىل ئويلانماقتا ئىدى.

ئەقىللىق

سۈپەت ①ئەقلى بار، كاللىسى ئىشلەيدىغان، ئۆتكۈر، ھوشيار، زېرەك: ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، نادان دوستىنى. ئەيىبلەر (ماقال). ②ئەقىل بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن، بىلىملىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان: مانا بۇ ئەقىللىق گەپ، تازا توغرا ئېيتتىڭ.