پېئىل ①مۇۋاپىق، جايىدا بېجىرمەك، پەم بىلەن قىلماق: ئىمىن پالگان ياخشى ئەر، ھەممە ئىشنى ئەپلىگەن. ئۈركۈپ قاچقان دۈشمەننىڭ توغراققا بېشىنى كەپلىگەن. ②قاملاشتۇرماق، جايلىماق، بابلىماق: سايىم ئاكا ئۆز رەقىبىنى دالدا يەردە ئەپلەپ تۇرۇپ بىر سالدى-دە، ئۇنى جايىدىن قوپالماس قىلىپ قويدى.