«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەينۇلا

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> ①ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. سورتلىرى كۆپ بولۇپ، سوغۇققا چىداملىق؛ يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك؛ باھاردا چېچەكلەيدۇ، خۇشبۇي پۇرايدۇ؛ مېۋىسى شار شەكىلدە، رەڭگى يېشىل، پىشقاندا سېرىققا ئۆزگىرىدۇ، تەمى چۈچۈمەل بولىدۇ: ئەينۇلا مۇرابباسى. ②شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

ئەيىبدار

[ئەرەبچە+پارسچە] ①ئىسىم. ئەيىبى، نۇقسانى بار، ئەيىبلەنگۈچى، گۇناھكار شەخس: ساقچى ئەيىبدارنى سوت مەيدانىغا ئېلىپ باردى. ②سۈپەت. جىسمانىي جەھەتتىن بىرەر كەمچىلىك، نۇقسانى، ئىللىتى بولغان، ئەيىبناق، ئەيىبلىك: ئەيىبدار بالا.

ئەتلىك

سۈپەت ①ئېتى بار، ئەت قونغان، سېمىز: ئامانگۈلنىڭ ئەتلىك يۈزى سەل قىزارغان بولسىمۇ، لېكىن دەرھاللا ئۆزىنى تۇتۇپ ئۇمۇ بوش كەلمىدى. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. گۆشى بار، گۆش قىسمى قېلىن (قوغۇن-تاۋۇز، كاۋا ۋە ئۆرۈك، شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەرگە نىسبەتەن): ئەتلىك قوغۇن. ئەتلىك شاپتۇل. ③كۆچمە مەنىلىك سۆز. مۇنبەت، ھوسۇللۇق (تۇپراققا نىسبەتەن): ئەتلىك يەر. ئەتلىك توپا.