«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەيلىمەك

پېئىل. ①تېرە، خېمىر قاتارلىقلارنى پىشۇرماق، پىششىقلىماق: تېرىنى ئەيلىمەك، خېمىرنى ئەيلىمەك. ②يازما ئەدەبىياتتا «قىلماق»، «ئەتمەك» رولىدا كېلىدۇ: بىر بۇرادەر ئۆمرىدە كۆپرەك خۇشامەت ئەيلىدى. بۇ «ھۈنەر» نى ئۆزىگە باب ھەمدە ئامەت ئەيلىدى.

ئەڭگۈشتەر

ئىسىم [پارسچە] ①ئالتۇن، ياقۇت قاتارلىق قىممەت باھالىق مېتال ۋە تاشلاردىن ياسالغان ئۈزۈك. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. خاسىيەتلىك، نۇرغۇن نەرسىنى قىلىشتا قۇدرەتلىك نەرسە، يول، نىشاننى كۆرسەتكۈچى: بوۋاي كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىپ:-يېزا ئىگىلىك پەنتېخنىكىسى بىزنىڭ ئەڭگۈشتىرىمىز، -دېدى.

ئەھۋال

ئىسىم [ئەرەبچە] ①مەۋجۇت بولغان ياكى يۈز بەرگەن ھالەت، پەيدا بولغان كەيپىيات، ۋەزىيەت: ئىنقىلاب دەۋرىدە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ. ②تۇرمۇش شارائىتى، ھال-ئەھۋالى، كۈنى: ئۆي ئەھۋالى.*ئۆيۈڭدىكى ئەھۋالنى قوشناڭدىن سورا (ماقال).

ئەپسانىۋى

سۈپەت [پارسچە] ①ئەپسانىلەشتۈرۈلگەن، ئەپسانىگە ئائىت: ئەپسانىۋى ھېكايە. ئەپسانىۋى گەپ. ②پەقەت ئەپسانىلەردىلا مەۋجۇت بولغان، ئالەمدە يوق، خىيالىي: «ئىراق مۇقامىنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسى» نىڭ تېكىستىدا مۇھەممەت سىدىق زەلىلىنىڭ ئەپسانىۋى جەننەتنى رەت قىلىدىغان، ئالەمگە تەبىئەت كۆزقارىشى بىلەن نەزەر تاشلايدىغان شېئىرىي جۈملىلىرىنى ئۇچرىتىمىز. ③كۆچمە مەنىلىك سۆز. ئەقىلگە سىغمايدىغان، مىسلى كۆرۈلمىگەن، ئويدۇرما، توقۇلما: ئەپسانىۋى گەپ.

ئەپلەشمەك

پېئىل ①مۇۋاپىقلاشماق، ماسلاشماق، باب كەلمەك، جايىغا چۈشمەك: ئىش ئەپلىشىپ نەپ تەگكەنچە ئۇنىڭ نەپسى يوغىناشقا باشلىدى. ②ياراشماق، ئىتتىپاقلاشماق، ياخشىلاشماق، چىقىشىپ قالماق: ئۇلار تويدىن كېيىن بىر-بىرى بىلەن بىر ئوبدان ئەپلىشىپ قالدى.