«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەلۋىدا

ئىملىق [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> مەڭگۈلۈك خوشلىشىش، ئاخىرقى خوشلىشىشقا ئېيتىلىدۇ: دېدى خەلقىم شۇڭا چوڭقۇر يۈرەكتىن: «ئەلۋىدا ئوغلۇم ياشايدۇ بىز بىلەن روھىڭ، ئەمەس بىزدىن جۇدا ئوغلۇم»

ئەمگەك ۋاسىتىلىرى

<ئىقتىساد> كىشىلەر ئەمگەك ئوبيېكتىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشتە پايدىلىنىدىغان بارلىق ماددىي ۋاسىتىلەرنىڭ مەجمۇئەسى. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش قورالى، يەر، ئۆي-ئىمارەت، يول، قانال، ئامبار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش قورالى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

ئەنلىمەك

①پېئىل. مېتىرلىماق، ئېنى ئوخشاش ھالغا كەلتۈرمەك؛ ئۆلچىمەك: رەختنى ئەنلىمەك. ماتانى ئەنلىمەك. ②پېئىل. كەڭرىپ، چوڭقۇرلىشىپ تېز، راۋان ئاقىدىغان ھالەتكە كەلمەك، ئەن تارتماق (سۇ ھەققىدە): ئېچىق ئەنلەپ ئاسان ئەتكىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەنىدى.